• تىل - ئەدەبىيات تورى ئىلان قىلىندى


              ئەسلىدىكى تىل - ئەدەبىيات بلوگى تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ باشقۇرشىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل - ئەدەبىيات يۆنىلىشدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرچە بلوگ ئىدى . بلوگقا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە يازمىلار يوللانغان ھەم بىر مەزگىل گۈللەنگەن ئىدى . ئەمما تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ ۋاقتىنىڭ قىسلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەپلىك تىل - ئەدەبىيات بلوگىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاپ كەلگەن ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندىگە يەنى پىقىرغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . مەن بۇ بلوگنى تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئالغان كۈنى ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھىس قىلدىم . چۈنكى بۇ توربەتنى ئىلان قىلىپ قويۇپلا ، ئۇۋىسىغا كىرىۋالىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى . بەلكى بۇ بەدەل تۆلەيدىغان ئىش ئىكەنلىكى ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئىدى .